باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

2017.04.24 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 30-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى 26-ئاپرېلدىن 29-ئاپرېلغىچە فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلىدۇ، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى يېقىندا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلماقچى.

  ئىگىلىنىشىچە، باشلىقلار يىغىنى مەزگىلدە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئامانلىق قوغدىغۇچىدىن 41 مىڭنى كۆپەيتكەن. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، فىلىپپىن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي فىلىپپىن خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ ئەتراپىغا 26مىڭ ساقچى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. فىلىپپىن دېڭىز ساقچى مۇھاپىزەت قىسمى 14 كېمە ۋە 200دىن ئارتۇق ئادەم ئاجرىتىپ يىغىن مەيدانى ئەتراپىدىكى مانىلا قولتۇقى ساھىلىنى چارلايدىكەن.

  فىلىپپىن پايتەخت رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئوسكار: باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئىش چىقماسلىقى ئۈچۈن، ئەڭ زور چەكتە ساقچى كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر