- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستان: تالىباننىڭ بىر ئالىي كاتتىبېشىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى پارتلىتىۋەتتى
2017.04.24 14:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈلۈشكۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ئۆلكىسىدە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشىنى پارتلىتىۋەتتى. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتلىتىۋېتىلگەن بۇ كاتتىباشنىڭ ئىسمى تايىب بولۇپ، تالىباننىڭ تاخار ئۆلكىسىدىكى مەسئۇلى. ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ كۈنى قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تايىبنىڭ بىر بازىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، تايىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالىباننىڭ توققۇز ئەزاسىنى پارتلىتىۋەتتى. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئارمىيەسى قوزغىغان بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى تالىباننىڭ بۇ رايوندىكى كۈچىگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر