باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئورگىنى: مالايسىيەنىڭ MH370-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئورنىنى تاپتۇق

2017.04.24 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 22-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت تەتقىقات تەشكىلاتى: 2014-يىلى يوقاپ كەتكەن مالايسىيەنىڭ MH370-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئاختۇرغۇچىلارنىڭ ئۇ ئايروپىلاننىڭ ئورنىنى تاپقانلىقىنى دەلىللىدى دېگەن.

  ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت تەتقىقات تەشكىلاتى بوئېن 777-نومۇرلۇق يەنە بىر ئايروپىلاننى يېڭىدىن تەتقىق قىلغان ھەمدە بۇ ئايروپىلاننىڭ قانىتىنى قەستەن بۇزۇۋېتىپ، بۇنى تېپىلغان MH370-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىغان، بۇ پارچىلار فىرانسىيەگە تەۋە رېئۇنىئون دېڭىز ساھىلىدىن تېپىلغان. ئالىملار بىر قاتار سىناقلارنى قىلغان ھەمدە بۇ ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئوكيان ئېقىمىغا ئەگىشىپ قانداق ئېقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغان.

  بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت تەتقىقات تەشكىلاتى چىقارغان يەكۈندە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن يېڭىدىن ئاختۇرۇش رايونى ئىچىدە بولۇپ، بۇ رايوننىڭ يەر كۆلىمى 25مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مالايسىيە، جۇڭگو ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇندىن بۇرۇن: ناۋادا بايقالغان يېڭى ئۇچۇرلار ئىشەنچلىك بولسا، بىز ئاختۇرۇشنى قايتىدىن باشلايمىز دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر