باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش باشلاندى

2017.04.24 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش شۇ يەر ۋاقتى 23- ئاپرېل سائەت 8 دە ( بېيجىڭ ۋاقتى 14دە) فىرانسىيەدە باشلاندى، 11 نەپەر زۇڭتۇڭ نامزاتى سايلام رىقابىتىگە قاتناشتى. تىزىمغا ئالدۇرغان 45 مىليون سايلىغۇچى 665 مىڭ بېلەت تاشلاش پونكىتى ئارقىلىق بېلەت تاشلىدى. فىرانسىيەنىڭ چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئۆلكىلىرى، چەت ئەللەردىكى خوجىلىق زېمىن ۋە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاش باشلاندى.

  مۇخبىرنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاش پونكىتىدىكى ئەھۋالنى كۆزىتىشىچە، سايلىغۇچىلار فامىلىلەرنىڭ ھەرپ تەرتىپى بويىچە تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلەت تاشلىماقتا ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى سايلام فىرانسىيەدە جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمى بولغاچقا، بېلەت تاشلاش پونكىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋە ژاندارمىلار ھەمدە 7000 نەپەر ھەربىي خادىملارنى ئورۇنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر