- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى پاكىستان ئارمىيەسىگە تەسلىم بولدى
2017.04.19 15:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان ئارمىيە تەرەپنىڭ 17-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، پاكىستاندىكى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمىغا تەسلىم بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەسلىم بولغان رەھبىرىنىڭ ئىسمى ئىخسانۇرا ئېكسان بولۇپ، بۇ كىشى ئىلگىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى بولغان، ئارقىدىن بۇ تەشكىلاتنىڭ شۆبىسى بولغان ئەركىنلەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.
پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمى ئىلگىرى، بۇ كىشىنىڭ پاكىستاندىكى تالىباننىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن ئىزچىل تۈردە پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگراسىدىكى ئافغانىستان تەرەپتە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە پاكىستانغا قاراتقان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر