باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى

2017.04.19 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 17-ئاپرېل مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ئوخشاش چاۋشيەنگە ئۆز ئالدىغان ھەرىكەت قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەنگە خىلى ئېغىر چەكلەش تەدبىرىنى قوللاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ يېتەرلىك قاتتىق جازالاش تەدبىرىنى ماقۇللاپ، چاۋشيەننى خىلى كۆپ قېتىم كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

  لاۋروف مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا چاۋشيەنگە ئۆز ئالدىغا قوراللىق تەھدىت سالىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە چاۋشيەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپلىگەن قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىغىنى ئېلىپ بار دېگىنىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىراق بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوخشاشلا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا قوراللىق كۈچ ئىشلىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. رۇسىيە يېقىندا ئامېرىكىنىڭ خۇددى سۇرىيەگە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىشتەك قىلمىشىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر