باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنىڭ رەت تەرتىپى ئىچىدىكى ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە يېرىمى ياپونلار ئىكەن

2017.04.19 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېننىس دۇنيا رېكورتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئىتالىيەلىك ئايال ئەيما مورانو 15- ئاپرېل ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قىسىم ۋېربانىيەدىكى ئۆيىدە 117 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 1900- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى يامايكادا تۇغۇلغان موماي ۋىولەيت بۇراۋۇن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ياشانغانلار ئىلىمىي تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ۋىولەيت بۇراۋۇندىن بەش ئاي كىچىك ياپونىيە كاگوشىما شىكاڭتىدىكى 116 ياشلىق ياجىما نەبى دۇنيا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تىزىملىكىدىكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

  بۇ تەتقىقات ئۆمىكى ئىستاتىستىكا قىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياشانغانلار تىزىملىكىدە، ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە بەش نەپەر كىشى ياپونىيەلىك ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( WHO ) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكىسى»نىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 83 ياشتىن 87 ياشقىچە بولۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. يەرشارى بويىچە ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئالدىنقى 14 نەپەرنىڭ ھەممىسى ئايال ئىكەن. پولشادا تۇغۇلغان 113 ياشلىق ئىسرائىلىيەلىك بوۋاي ئىسرائىل كىرىستال نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر بولۇپ قالدى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ ناتسىستلار جازا لاگېرغا قامالغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر