باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان ھىندىستانلىق 9 ماتروس قۇتۇلدۇرۇلدى

2017.04.14 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ھىندىستانلىق توققۇز ماتروس 12-ئاپرېل بىخەتەر ھالدا قۇتۇلدۇرۇلغان.

  دېڭىزدا قاراقچى بولماسلىق پىلان گۇرۇپپىسىنىڭ ئافرىقا دىلتىسى رايونىنىڭ مەسئۇلى جۇن سىتىرىد شۇ كۈنى بۇ خەۋەرنى جەزمىلەشتۈرۈپ، تۇتقۇن قىلىنغان ھىندىستانلىق ماتروسلارنىڭ بىخەتەرلىك قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭمۇ ياخشىلىقىنى بىلدۈردى. بىراق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىدى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن سومالىنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى بوساسۇغا كېتىۋاتقان ھىندىستاننىڭ بىر يۈك پاراخوتى 1-ئاپرېل سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، پاراخوتتا ھىندىستانلىق 11 ماتروس بار ئىكەن. بۇ يۈك پاراخوتى 10-ئاپرېل كەچتە قويۇپ بېرىلگەن، بىراق دېڭىز قاراقچىلىرى 9 تۇتقۇننى دېڭىز ياقىسىغا ئىلىپ بارغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىنغانلار گالىمۇدوك رايونىدىكى خوبىئى رايونىغا يېقىن جايغا يوشۇرۇپ قويۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر