باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن 30 يىل يۈگۈرگەن تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت سالماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى

2017.03.24 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە يېقىندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن قىزىرىشىپ قالدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇش سادالىرى كۆتۈرۈلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ياۋروپانىڭ قوشنىلار سىياسىتى ۋە سۆھبەتنى كېڭەيتىشكە مەسئۇل ئەزاسى خانې 21-مارت مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاققا كىرىشتىكى قاتتىق شەرتىنى كۆزدە تۇتقاندا، تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتى دېيىشكە بولىدۇ. شۇ كۈنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىدۇ.

  تۈركىيە 16-ئاپرېل ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئاساسىي قانۇندا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ، ھۆكۈمەت مىنىستىرىنى بىۋاسىتە ۋەزىپىگە قويالايدۇ، زۇڭلىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىيالايدۇ. قارشى تۇرغۇچىلار: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تۈركىيەنى مۇستەبىتلىككە ۋە داۋالغۇشقا باشلايدۇ، پارلامېنت ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

  ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە نەچچە مىليون تۈركىيەلىك سايلىغۇچى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقاچقا، ئەردوغان ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتلەردە نۇرغۇن مەيدان يىغىلىش قىلىپ، ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا بېلەت يىغماقچى بولدى، ھالبۇكى بۇ دۆلەتلەر بىردەك بىخەتەرلىك ئامىلىنى كۆزدە تۇتۇپ توسقۇنلۇق قىلدى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە بىلەن ئازارلىشىپ قالدى، تۈركىيە ئۇلارنى ناتسىستلار ۋە فاشىستلار دەپ ئەيىبلىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ياۋروپانىڭ قوشنىلار سىياسىتى ۋە سۆھبەتنى كېڭەيتىشكە مەسئۇل ئەزاسى خانې 21-مارت تۈركىيەگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. گېرمانىيە «فوتو-سۈرەتلەر گېزىتى» خانېنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش ھەققىدە قاتتىق بەلگىلىمىسى بار، يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بارغانچە يىراقلاپ كەتتى.

  خانې مۇنداق دېدى: ناۋادا تۈركىيە يۆلىنىشى ئۆزگەرمىسە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولۇشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  تۈركىيە 1987-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان، 1999-يىلى نامزات دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، 2005-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىنى باشلىغان. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈركىيەدىن ئىزچىل گۇمانلىنىپ كەلگەچكە سۆھبەت مۇساپىسى قاتمۇ-قات توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، پات-پات توختاپ قالغان.

  ئەردوغان 21-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش ئىشىنى قايتا تىلغا ئالغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: تۈركىيە تەھدىتتىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق ۋىۋىسكا كۆتۈرۈۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە ھەر قانداق ياۋروپالىقنىڭ تۈركىيە زېمىنىدا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر