- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ فىرانسىيە توغرىسىدىكى سەلبىي باھاسىغا ئىنكاس قايتۇردى
2017.02.27 16:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 25-فېۋرال ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ يېقىندا فىرانسىيە توغرىسىدا بەرگەن سەلبىي باھاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلچىمۇ ئىشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلماسلىقى كېرەك، دېدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يېقىندا فىرانسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى سەلبىي ماتېرىيال قىلىپ، ئاقساراينىڭ ھازىرقى كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئاقلىغان.
ھوللاندى 25-فېۋرال پارىژدا ئاشكارا پائالىيەتكە قاتناشقاندا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەرقانداق چاغدا ئىتتىپاقدىشىغا قىلچىمۇ ئىشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس. شۇڭا مەن ئامېرىكىغا بۇنداق قىلمايمەن، ھەم ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ فىرانسىيەگە بۇنداق قىلماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر