باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيە ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىدا 137 كىشى قازا قىلدى، شەھەرلەر جىنايەت ئىشلىرى بىلەن تولدى

2017.02.13 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-فېۋرال، بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سانتو ئېسپىرىتو ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىشى، مەركىزىي شەھەر ۋىكتورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن جايلاردىكى ھەربىي ۋە ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى. 10-فېۋرال، سانتو ئېسپىرىتو ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ساقچىلار جەمئىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشنى ئاخىرلاشتۇردى.

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ھەربىيلەر ۋە ساقچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى سانتو ئېسپىرىتو ئىشتاتىنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ۋەزىيتىنى يامانلاشتۇرىۋېتىپ، شەھەرنى جىنايەتچىلەر شەھىرىگە ئايلاندۇرىۋەتكەن. ئىجتىمائىي تور بېكەتلىرىنىڭ ۋىدېيولىردىن قارىغاندا، كۆپلىگەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلار كوچىلارغا چىقىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ چاققان، ماگىزىنلارنى بۇلىغان، پۈتكۈل ئىشتاتىدا 137 كىشى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە قازا قىلغان، 666 ئاپتوموبىل بۇلاپ كېتىلگەن،300 ماگىزىن بۇلانغان بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 300 مىليون رىيالغا يەتكەن.

  بىرازىلىيە قانۇنىدا ھەربىيلەر ۋە ساقچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى مەنئى قىلىنغان، بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشنى ھەربىيلەر ساقچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قوزغىغان بولۇپ، ھەربىيلەر ۋە ساقچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر