باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ ئۈچ ئەسكىرى رۇسىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ خاتا بومباردىمانىدا قازا قىلدى

پۇتىن ئەردوغانغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ كەچۈرۈم سورىدى

2017.02.10 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مۇھىم بازىسى بولغان سۇرىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ھەلەب ئۆلكىسىنىڭ بابۇ رايونىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈركىيە قىسىمى 9-فېۋرال رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچراپ، ئۈچ ئەسكەر قازا قىلدى، 11 ئەسكەر يارىلاندى.

  تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 9- فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بابۇ رايونىدا جەڭ قىلىۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى تۇرغان بىر بىنا 9-فېۋرال سەھەردە رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ خاتا بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچراپ، ئۈچ ئەسكەر قازا قىلدى، 11 ئەسكەر يارىلاندى.

  تۈركىيە ئانادولو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ، خاتا بومباردىمان قىلىش ۋەقەسىدىن كەچۈرۈم سوراپ، قازا قىلغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە تەزىيە بىلدۈردى. رۇسىيە تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۇجۇم قىلىش بەختكە قارشى خاتالىق، رۇسىيە-تۈركىيە ئىككى تەرەپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  بۇندىن بۇرۇن، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، سۇرىيە چىگراسى ئىچىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتا ھەمكارلىشىپ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەلەبنىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدە كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان رايونلارنى 300 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كېڭەيتىشىگە ياردەم بەرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر