باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭلىسى ئىراقتا زىيارەتتە بولدى

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كېلەمدۇ؟

2017.01.09 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭلىسى ئىلدىرىم (سولدا) بىلەن ئىراق زۇڭلىسى ئابادى كۆرۈشتى.

  تۈركىيە زۇڭلىسى بىنال ئىلدىرىم 7-يانۋار قوشنا دۆلەت ئىراقتا زىيارەتتە بولۇپ، ئىراق زوڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ، دېدى.

  تۈركىيە نۆۋەتتە رادىكال تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش نامىدا ئىراقنىڭ موسۇل ئەتراپىدىكى باھىگا بازىرىدا نەچچە يۈز ئەسكەر تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئىراق تەرەپ بۇنى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان «ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق» دەپ قاراپ، كۆپ قېتىم تۈركىيەنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسىز بولغان ئىدى.

  ئىراق دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ 7-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

  رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 6-يانۋار تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى نومان قۇرتۇشمۇشنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىلدىرىمنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئىكەن. قۇرتۇرمۇش مۇنداق دېدى: «زۇڭلىنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ تۈركىيە- ئىراقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى بەلگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر