باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابى شېنزو دۇتېرتنىڭ يۇرتىنى بەش مىليون يېن قەرز بىلەن تەمىنلىمەكچى

2016.10.27 12:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كيۇدو ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شېنزو 26-ئۆكتەبىر توكيودا زىيارەتكە كەلگەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. ئابى شېنزو دۇتېرتنىڭ يۇرتى مىنداناۋ ئارىلىنى بەش مىليارد يېن (تەخمىنەن 324 مىليون يۈەن) قەرز بىلەن تەمىنلەپ، باشلىقلار ئارىسىدىكى شەخسىي مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كيۇدو ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇتېرت كۆپ قېتىم ئامېرىكىنى دۈشمەن كۆرۈش قاتارلىق مەزمۇندىكى «چېكىدىن ئاشقان» سۆزلەرنى قىلغان ھەمدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن «ئىككى تەرەپ سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگونى دۈشمەن دەپ قارايدۇ، شۇڭا ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق فىلىپپىننى ئۆزىگە تارتىش-تارتالماسلىقى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق پوزىتسىيەسى تۇتۇشىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ.

  مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ئابى شېنزو سۆھبەتتە داۋاملىق تۈردە جەنۇبىي دېڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتە فىلىپپىگە ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى قارشى ئېلىش مەيدانىدا تۇرۇپ، «فىلىپپىنغا نىسبەتەن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن» دېيىش ئارقىلىق فىلىپپىننى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

  دۇتېرت 25-ئۆكتەبىر خانېدا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. 25-ئۆكتەبىر كەچتە، ياپونىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا توكيودا دۇتېرت ئۈچۈن زىياپەت ئۇيۇشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر