باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران يادرو كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

2016.09.30 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەلجەزىرە تور پونكىتىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى ئەلى ئەكبەر سالىھ ( Ali Akbar Salehi) ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش تەدبىرىنى بىكار قىلىش داۋاملىق كەينىگە سۈرۈلسە، ئۇنداقتا ئىران بەش كۈچلۈك دۆلەت بىلەن ئىمزالىغان ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىران يادرو كېلىشىمى زىيانغا ئۇچرايدۇ» دېدى. سالىھ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈپ، گەرچە ئىران كېلىشىمگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىمدە تىلغا ئېلىنغان «جازالاش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھەم تېز ئاخىرلاشتۇرۇش» تېخىچە ئەمەلىيلەشمىدى دېگەن.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ يىغىندا سالىھ ئىپادە بىلدۈرۈپ، كونكرېت ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ مەلۇم بىر دۆلەتنى ئەيىبلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئىلگىرى ئىراننىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازانى بىكار قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

  سالىھ ئىپادە بىلدۈرۈپ: «كېلىشىمنىڭ ئۇزاققىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرۇشى، ئىككى تەرەپ مەنپەئەتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋە ئەمەلىيلەشمەسلىكىگە باغلىق» دېدى.

  ئىران ھازىر خەلقئارا ئىقتىسادىي جازانىڭ كېلىشىم بويىچە ۋاقتىدا بىكار قىلىنمىغانلىقىدىن ئاغرىنىۋاتىدۇ.

  ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يەنىلا ئىرانغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى كۆز بويامچىلىق قىلىپ، قەستەن تېھرانغا مەبلەغ سېلىپ، نۇرغۇن مۇقىمسىزلىق ئامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ» دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر