باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدە 38 مىڭ جىنايەتچى قويۇپ بېرىلدى، شۇ ئارقىلىق سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغانلارنى قاماش ئۈچۈن جاي بوشۇتۇپ بېرىلدى

2016.08.19 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن، تۈركىيە 7- ئايدا ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن چېتىشلىقى يوق 38 مىڭ جىنايەتچىنى 17- ئاۋغۇستتىن باشلاپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، سىياسى ئۆزگىرىشكە قاتاشقا دەپ ئەرز قىلىنغانلارنى تازىلاشتىكى بۇ بىر ئايدىن بۇيانقى تازىلاش ھەرىكىتىدە تۇتۇلغانلار ئۈچۈن جاي بوشۇتۇپ بەرمەكچى ئىكەن.

  تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بېكىر بوزداغ (Bekir Bozdag) 17- ئاۋغۇست twitter تورىدا ئۇدا 19 پارچە خەۋەر بىلەن بۇ تۈر پەرماننى جاكارلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇددەتتىن ئاۋۋال قويۇپ بېرىشتە 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇنقى جىنايەتچىلەر كۆزدە تۇتۇلقان، لېكىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، تېررورلۇققا قاتنىشىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەت مەخپىيىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، زەھەر ئەتكەسچىلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەر بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ تەدبىر ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىش ئەمەس، بەلكى شەرت بىلەن قويۇپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ، بۇ پەرمان بويىچە 38 مىڭ جىنايەتچى دەسلەپتە قويۇپ بېرىلىدۇ، تۈركىيە تۇرمىسىدا جەمئىي 214 مىڭ جىنايەتچى بار بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە جەمئىي 99 مىڭ جىنايەتچى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىدىكەن.

  تۈركىيەدە 15- ئىيۇل يۈز بەرگەن ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە تەخمىنەن 270 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، بۇ ئىشتا ئەنقەرە دائىرلىرى ئامېرىكىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مۇسۇلمانلار ئىمامى فېتھۇللا گۈلەن (Fethullah Gülen)نى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول دەپ ئەيىبلىدى، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغانلارنى ۋە فېتھۇللا گۈلەن (Fethullah Gülen)نىڭ تۈركىيەدىكى ئەگەشكۈچىلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى دۆلەت ئىچىدە قانات يايدۇردى، ھۆكۈمەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىي 35 مىڭ ئادەم قولغا ئېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يەتمىگەن ئادەم قويۇپ بېرىلدى، 17 مىڭ ئادەم رەسمىي قولغا ئېلىندى.

  سىياسىي ئۆزگىرىشكە چېتىشلىق بولۇش سەۋەبىدىن 75 مىڭ ئادەم خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. 17- ئاۋغۇست تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە 2692 نەپەر مەمۇرنى خىزمەتتىن ھەيدىگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ساقچى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر