باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تۇنجى قېتىم شەخسىي شىركەتلەرنىڭ ئايغا چىقىش پىلانىنى تەستىقلىدى

2016.08.05 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شىتابى فېلورىدا شىتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇقىغا جايلاشقان «ئاي شارىغا تېز توشۇش» ناملىق خۇسۇسىي شىركەتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 3- ئاۋغۇست، ئامېرىكا ھۆكۈمېتى بۇ شىركەتنىڭ كېلەر يىلى ئۇچقۇر ئەسۋابنى ئاي شارىغا ئەۋەتىش پىلانىنى تەستىقلىغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم سودا شىركەتلىرىنىڭ تاشقى ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقۇر ئەسۋاب قويۇپ بېرىشىنى تەستىقلىشى بولۇپ قالدى.

  ئاي شارىغا تېز توشۇش شىركىتىنىڭ باش لېدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بوب رېچاردس رېيتىر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بۇ شىركەتنىڭ 2017- يىلى ئاي شارىغا بىر ھۆججەت سومكىسى چوڭلۇقتىكى قونۇش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن تاق لېنىيەلىك ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنىڭ ئىككى ھەپىتىلىك بولىدىغانلىقىنى، ئۇچقۇرنىڭ قىسمەن ئىلمىي تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئادەمنىڭ جەسەت كۈلى قاتارلىق سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ئاي شارىغا قونىدىغانلىقى ھەمدە يەر شارىغا سۈرەت ۋە سىن يوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بۇ بىر پىلانغا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى سودا شىركەتلىرىنىڭ ئاي شارى، مارس ياكى باشقا پىلانتلارغا قاراپ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇشنى ئىلتىماس قىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ياكى مەمۇرىي بەلگىلىمە تۈزدى.

  ب. د. ت. 1967- يىلى ئېلان قىلغان «ئاتموسفېرا سىرتى بوشلۇق شەرتنامىسى»دا ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى غەيرىي ھۆكۈمەت ئەمەلىي گەۋدىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى قىلىشىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن. بىراق ھازىرغىچە، پەقەت بىر قانچە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇچقۇر ئەسۋابنى يەرشارى ئوربېتىسىغا چىقىرالىدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئاي شارىغا تېز توشۇش شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلتىماسقا قارىتا قاتتىق باھالاش ئېلىپ بېرىپ، بۇ شىركەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، «ئاتموسفېرا سىرتى بوشلۇق شەرتنامىسى»گە خىلاپلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر