باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇردى

2016.06.20 11:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرى تۈنۈگۈن تائىز شەھىرىدە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرغان، ئىككى تەرەپ قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ 118 ئەسىرى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 76 ئەسىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان جەمئىي 194 ئەسىرنى قويۇپ بەرگەن. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، قۇسەي قوراللىقلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 187 ئەسىرىنى قويۇپ بەرگەن.

  ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشلامچىلىق قىلىۋاتقان يەمەننىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى. ئىككى تەرەپ 4-ئايدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن بۇيان تامامەن كۈچكە ئىگە بولۇپ باقمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، يەمەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى ھازىر كۇۋەيتتە ئۆتكۈزلىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر