باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالما شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى تىجارەت كىرىمى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، ھىندىستان بازىرىغا كۆز تىكتى

2016.05.23 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان زوڭلىسى مودى 21-ماي پايتەخت يېڭى دېھلىدا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىنستاندىكى تەرەققىيات پىلانى، «رەقەملىك ھىندىستان»، «تور بىخەتەرلىكى» ۋە مەخپىيەتلىكنى رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى. ھىندىستان كۇكنىڭ بۇ قېتىملىق ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى ھەم ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان بازارلارنىڭ بىرى. كەسپىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى كەسىپ نەتىجىسى تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا، كۇك باشلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن، يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان ھىندىستان بازىرىنى نىشانلىغان بولۇپ، ھىندىستاننى كېيىنكى بىر ئېشىش بازىرى قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى 50 مىليارد 600 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 تۆۋەنلىگەن؛ ساپ پايدىسى 10 مىليارد دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 تۆۋەنلىگەن. ئالما شىركىتىنىڭ ياپونىيەدىن باشقا ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تىجارەت كىرىمى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن. بۇ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ جايلاردا تويۇنۇش ھالىتىگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر