خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا روسىن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ۋە ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكا ئۆي-زېمىن بازىرىغا سالغان مەبلىغى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەم بۇ سان داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 16-مايدىكى دوكلات مەزمۇنىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا 93 مىليارد دوللارلىق ئولتۇراق ئۆي-زېمىن، 208 مىليارد دوللارغا يېقىن ئۆي-زېمىن رەنىلىك قەرزىنى قوللايدىغان پاي چېكى ۋە 17 مىليارد دوللارلىق سودا يەر-زېمىنى سېتىۋالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ھەربىر ساھەسىدە جۇڭگولۇقلار ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. بىراق جۇڭگودىن كەلگەن بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ ئامېرىكا قۇبۇل قىلغان چەت ئەللەردىن بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئاران %10نى ئىگىلەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى