يەمەن تىنچلىق سۆھبىتىدە ئاكتىپ ئىلگىرىلەش بولدى
2016.04.29 12:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
كۇۋەيت ئاگېنتلىقىنىڭ 26 – ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن يەمەن تىنچلىق سۆھبىتىدە ئاكتىپ ئىلگىرىلەش بولغان. تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان يەمەن ھۆكۈمىتى، خۇسې قوراللىقلىرى ۋە سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ تەرەپنىڭ ۋەكىلى ب د ت يەمەن مەسىلىسى خاس ئەلچىسى شەيخ ئەھمەد قاتارلىقلارنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان، ھەر قايسى تەرەپ 27 – ئاپرېلدىن باشلاپ، سۆھبەتتە رەسمىي مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىگە قوشۇلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر