باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېڭ جيەنجۇ قازاقىستان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2016.04.14 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە قازاقىستان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مامى بىلەن كۆرۈشتى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان سەمىمىي ۋە يېقىن شېرىكلەردىن. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشتەك ۋەزىيەت كۆرۈلدى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرگە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ نەزەربايىف ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال قوللاپ، ئىككى دۆلەت ھەمدە رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ياخشى قانۇن مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  مامى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭىدىن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر