باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇگابى 7-قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇشى مۇمكىن، سايلانسا ۋەزىپىدىن چۈشكۈچە 100 ياشقا يېقىنلىشىدۇ

2016.03.31 18:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابى (92 ياش) 29-مارت توكيودا كيودو ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇ 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى ھەققىدە سۆزلەپ، سايلامغا قاتنىشىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. زىمبابۋې 1980-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتۇپ كەلگەن مۇگابى بۇ قېتىم داۋاملىق تۈردە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئويى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

  ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ناۋادا مۇگابى 2018-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانسا ۋە بەش يىل ۋەزىپە مۇددىتىنى تاماملىسا، ۋەزىپىدىن چۈشكىچە 100 ياشقا يېقىنلىشىدىكەن، داۋاملىق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ۋاقتى 40 يىلدىن ئاشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر