باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا قىسقا خەۋەرلەر

2016.03.31 18:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  * دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29 – مارت جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇمىنىڭ ‹‹خەلقئارانىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغايدىغان تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى››نى پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29 – مارت ئېبولا يۇقۇمى توغرىسىدا 9 – قېتىملىق جىددىي كومىتېت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەت ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ دەسلەپكى تارقىلىش زەنجىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  * بىرما تاراتقۇلىرىنىڭ 29 – مارتتىكى خەۋىرىدە، بىرما ھۆكۈمىتى 28 – مارت كېچىدىن باشلاپ راكخايىندىكى تۆت يىل داۋاملاشقان جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى، دېيىلدى. بىرما زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 2012 – يىلى راكخايىندا خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە زىيان يېتىش ئەھۋالى يۈز بەرگەچكە، بىرما ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن بويىچە زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، راكخايىندا جىددىي ھالەتنى يولغا قويغان. ھازىر راكخايىندا بۇنداق ئەھۋاللار قالمىغاچقا، راكخايىن ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان دوكلاتقا ئاساسەن يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئېلان قىلىنىپ، راكخايىندىكى جىددىي ھالەت بىكار قىلىنغان.

  * ئافرىقا 2016 – يىللىق پارتىيەلەر كېڭىشى يىغىنى 29 – مارت سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا ئېچىلدى، ئافرىقىدىكى 40 دۆلەتتىن كەلگەن پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەريانىدىكى مۇقىملىق، خەۋپسىزلىك ۋە رايونلار ھوقۇقى تەقسىماتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. ئافرىقا پارتىيەلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى داۋىس چاما كېڭەشنىڭ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئالدىنقى ۋەزىپە قاتارىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئافرىقا مەسىلىسىنى ئافرىقا لايىھەسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  * كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 29 – مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورېيە ئارمىيەسى بىرلەشمە ئىشتابىدىكىلەر: چاۋشيەن 29 – مارت كاڭۋوندودىكى ۋونسان ئەتراپىدا قىسقا مۇساپىلىك ئۇچار جىسىم قويۇپ بەردى، دېگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، چاۋشيەن 29 – مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 4 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە) كاڭۋوندودىكى ۋونسان ئەتراپىدىن كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا بىر قىسقا مۇساپىلىك ئۇچار جىسىم قويۇپ بەرگەن، ئۇچار جىسىمنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 200 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان.

  *بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىۋان مايېر 29 – مارت پارىژدا: بىريۇسسېلدىكى رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئەھۋالى، شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتنىڭ پارىژ ۋە بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقانلىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بېلگىيە بىلەن فىرانسىيە بىرلىكتە تەكشۈرۈشى كېرەك، دېدى. مايېر 29 – مارت پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى ئاننى ھىدالگونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پارىژدا زىيارەتتە بولدى. پارىژمۇ ئوخشاشلا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان شەھەر بولغاچقا، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ باشلىقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

  *كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ياپونىيەنىڭ يېڭى خەۋپسىزلىك قوغدىنىش قانۇنى 29 – مارت رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. شۇ كۈنى كەچتە 37 مىڭ ياپونىيە ئاممىسى ياپونىيە پارلامېنتى ئالدىغا يىغىلىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك قوغدىنىش قانۇنىنى يولغا قويۇشقا قەتئىي قارشى تۇردى ھەم بۇ قانۇننى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.  

  *پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 29 – مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لاھوردىكى بىر باغچىدا 27 – مارت ‹‹ئادەمبومبا›› ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسىمى پەنجاپ ئۆلكىسىدە كەڭ كۆلەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ھازىرغا قەدەر بەش تېررورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، 600 دىن ئارتۇق تېررورلۇق گۇماندارىنى تۇتقان. ھەربىي دائىرىلەر ھەرىكەت جەريانىدا زور مىقداردا قورال – ياراغ ۋە ئوق – دورىنى قولغا چۈشۈرگەن. 

  *بىرازىلىيە دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى 29 – مارت دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى مەملىكەتلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مەزكۇر پارتىيەنىڭ رۇسسېف رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىشىنى قارار قىلدى. يىغىندا يەنە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۆتەۋاتقان ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن دەرھال ئىستېپا بېرىشى قارار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كابىنېت مىنىستىرى ۋە 500 دىن ئارتۇق مۇئاۋىن مىنىستىر ۋە نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك خادىملار بار.

  * سىپرۇس دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاسۇلىدېس 29 – مارت: بۈگۈن مىسىر ئايروپىلانىنى بۇلىغۇچى ئېيتقان بومبا يالغان بولۇپ، يان تېلېفون قېپى بىلەن يان تېلېفون باتارېيەسىدىن ياسالغان، ئايروپىلان بۇلىغۇچى دەسلەپتە ئايروپىلاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلغا ئۇچۇشىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك سىپرۇسقا قونغان. سىپرۇس ساقچى دائىرىلىرى ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن بۇ قېتىملىق ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى، ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ ‹‹روھىي ھالىتىنىڭ نورمال ئەمەس›› لىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، دېدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر