باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«بوئىن» شىركىتى يىل ئوتتۇرىسىدىن بۇرۇن 4000 خىزمەت ئورنىنى قىسقارتىشنى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىدى

2016.03.31 18:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» خەۋەر تورىنىڭ 30-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا «بوئىن» شىركىتىنىڭ باياناتچىسى داگ ئالدىر شىركەتنىڭ چىقىمنى كونترول قىلىش رامكىسى ئاستىدا 2016-يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۇرۇن سودا ئايروپىلانى بۆلۈمىدىن 4000 خىزمەت ئورنىنى قىسقارتىشنى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئالدىرنىڭ ئېيتىشىچە، «بوئىن» شىركىتى ئۆزى خالاپ ئىستېپا بېرىش شەكلىدە 1600 خىزمەت ئورنىنى قىسقارتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتچى قوبۇل قىلىۋاتقان 2400 خىزمەت ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تەدبىر يەنە رەھبەر، دىرېكتور قاتارلىق باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى نەچچە يۈز خىزمەت ئورنىغىمۇ چېتىلىدىكەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، «بوئىن» شىركىتىنىڭ 2015-يىلدىكى ساپ پايدىسى 2014-يىلدىكىدىن %5 ئازىيىپ، 5 مىليارد 176 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. «بوئىن» شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق 4-پەسىلدىكى ساپ پايدا كىرىمى بولسا %30 ئازىيىپ، 1 مىليارد 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شىركەتنىڭ 2015-يىللىق ئومۇمىي كىرىمى %6 ئېشىپ، 96 مىليارد 114 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 4-پەسىللىك كىرىم %4 ئازىيىپ، 23 مىليارد 573 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر