ماتېرىيال سۈرەت
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى سېپى ئۆزىدىن پۇل سىياسىيسىدۇر. دېموكراتىك پارتىيە نامزاتى، سابىق ‹‹بىرىنچى خانىم›› ھىلارى كېلىنتوننىڭ كوللېكتىپى سايلام مەبلىغى توپلاش ئۈچۈن، ‹‹بىللە غىزالىنىپ پۇل غەملەش›› تەك ئامالنى تاپقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىلارى 15-ئاپرېل سان فىرانسېسكودا ‹‹قولتۇق رايون پۇل غەملەش كەچلىك زىياپىتى›› ئۆتكۈزىدىكەن. زىياپەتتە ئاساسىي ئۈستەلدىكى ئىككى ئورۇنغا 350 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باھا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇننى سېتىۋالغانلار شۇ كۈنى ھىلارى ۋە ھوللېۋۇد كىنو چولپىنى جېيورجى كىلۇنې بىلەن بىرگە غىزالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن.