باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى ئافرىقا چوڭ كۆل رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.03.23 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جىيى 21- مارت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقا چوڭ كۆل رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى چوڭ كۆل رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئاشكارا مۇنازىرە ئىلىپ باردى. ليۇ جىيى مۇنداق دېدى: جۇڭگو چوڭ كۆل رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، ھەمدە كۆپ قېتىم جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلىنى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەردە ياراشتۇرۇشقا ئەۋەتتى. جۇڭگو رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە، چوڭ كۆل رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  چوڭ كۆل رايونى دۇنيادا نوپۇس ئەڭ زىچ رايونلارنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقىدىكى تەبىئىي بايلىقى ئەڭ مول رايون. بىراق، بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى سەۋەبى بىلەن چوڭ كۆل رايونى دۇنيادا توقۇنۇش، ئاچارچىلىق،چۇما، ۋە مۇساپىرلار مەركەزلەشكەن رايونغا ئايلىنىپ، ئافرىقىدىكى ئۇرۇش پىلتىسى رايونى دەپ ئاتالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر