- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لائوس 8-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى
2016.03.22 14:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لائوسنىڭ 8-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى 20-مارت مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. جەمئىي 211 نامزات پارلامېنتتىكى 149 ئورۇننى تالاشتى.
مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن قانۇنلۇق 3 مىليون 750 مىڭ سايلىغۇچى 18 رايوندىكى 6 مىڭ 715 بىلەت تاشلاش پونكىتىدە بىلەت تاشلىدى. سايلام نەتىجىسى بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
لائوس پارلامېنتى لائوسنىڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگىنى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزۈشكە مەسئۇل، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت يەنە لائوسنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت رەھبىرى بىلەن كابىنېت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر