باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا تاراتقۇلىرى باشلىقلىرى يىغىنى دەۋھە ئېچىلدى

2016.03.22 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى 20-مارت قاتارنىڭ دەۋھەدە ئىچىلدى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى سەي مىڭجاۋ جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئەينەك قىلىشىدىن ئىبارەت ئۇچ نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  سەي مىڭجاۋ مۇنداق دېدى: يەر شارى تاراتقۇ ئورگانلىرى خەۋەر تارقىتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىشتا بۇرۇلۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ بىرىكىپ تەرەققىي قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇڭا مەن، كېيىنكى نۆۋەتلىك يەر شارى ئاخبارات مۇكاپاتىنى باھالاشتا، تېخىمۇ كۆپ خەۋەر ئەسلىھەلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بىرىكىپ، تاراتقۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە بىلەن تەمىنلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: تور گەرچە خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەنئەنىۋى تارقىتىشنىڭ كۆپ قىسىم مۇھىم مەزمۇنى يەنىلا كەسپى خەۋەرلەر ئورگانلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شۇڭا، كەسپى ئاخبارات ئورگانلىرى يەنىلا باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

  ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىندا، 100 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 350 تاراتقۇ ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى خەۋەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كەلگۈسى دېگەن ئاساسلىق تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر