باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېپال زۇڭلىسى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى

2016.03.22 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېپال زۇڭلىسى ئورى 20-مارت جۇڭگوغا يېتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا قىلغان سەپىرىنى باشلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن چوڭ تىپتىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلدى. چەتئەللەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئورىنى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ناھايىتى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىكەن. ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم تاراتقۇلىرىنى نېپالنىڭ ھىندىستانغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇپ، جۇڭگوغا ئىغىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان. ئورى يولغا چىقىشىدىن ئىلگىرى، 19-مارت تاراتقۇلارغا، بىز ھەرقانداق بىر دۆلەتنى دۈشمەن دەپ قارىمايمىز، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر قوشنىمىزدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز دېگەن.

  نېپال تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئورى بۇ قېتىم جۇڭگودا يەتتە كۈن رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكىدە نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، سودا مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرى قاتارلىقلار بار ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر