باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئاختۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى

2016.03.22 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دون دەرياسى بويىدىكى روستوف شەھىرىدىكى بوئىن بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندىكى ئاختۇرۇش خىزمىتى 20-مارت ئاخىرلاشتى، قارا قۇتىنىڭ نومۇرنى ئېچىش خىزمىتى 21-مارت رەسمى باشلاندى.

  قارا قۇتىنىڭ نومۇرنى ئېچىش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى ئاۋىئاتسىيە تارمىقىنىڭ مۇتەخەسسىسىى، ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغان دۆلەت بولغان ئامېرىكىلىك مۇتەخەسسىسى ۋە ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ماتورنى ئىشلەپچىقارغان دۆلەت فرانسىيەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. دۆلەت ئارا ئاۋىئاتسىيە كومىتېتى يەنە ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

  19-مارت ئەتىگەندە، بوئىن 800-737 بەلگىلىك بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى دون دەرياسى بويىدىكى روستوف ئايرودرومىغا يېقىن بولغان جايغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 62 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. بۇ ئايروپىلان دۇبەي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى دۇبەيدىن دون دەرياسى بويىدىكى روستوفقا قاراپ ئۇچقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر