باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپالىق مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار

2016.03.21 12:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپالىق مۇتەخەسسىسلەر: گەرچە جۇڭگو بىر قاتار جىددىي ئىقتىساد مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو غايەت زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى دېدى.

  بېريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ياۋروپا تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى فورىدور مۇنداق دېدى: تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدە ئالايلۇق ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادنى داۋاملىق ئاشۇرالىشى تەس، بۇ جۇڭگو دۇچ كەلگەن كۆرۈنەرلىك سىرتقى خېيىم-خەتەر. جۇڭگونىڭ ھازىرقى كۆزلىمىنى ئاشۇرۇش نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىش ئاشماسلىقى غايەت زور دەرىجىدە جۇڭگونىڭ ئىچكى تەرەققىياتىغا باغلىق. ئىسلاھات يولىدا قەتئىي چىڭ تۇرسا جۇڭگو غايەت زور پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشىمەكتە، پولات-تۆمۈر ۋە كۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئازىيىشى پولات تۆمۈر، كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقى ھەمدە ئېغىر سانائەت تارماقلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە. بۇ مەسىلىنى يېڭى كەسىپ ئالايلۇق تىرىلمە ئېنېرگىيە كەسپىنى تېز ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خىرىس ھەققىدە فورىدور مۇنداق دېدى: خەلقئارا بازارغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو تېخىمۇ چوڭ سىياسەت يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەمدە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەسىلىنى تېز ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بىريۇسسېل ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپا سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گىروس مۇخبىرغا: جۇڭگونىڭ ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنى تەڭشىشى ياخشى ئالامەت دېدى.

  گىروس مۇنداق دېدى: ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن قۇتۇلۇش نىسبەتەن قىيىن، ياۋروپا بۇنىڭغا تەخمىنەن 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. بۇ جەھەتتە جۇڭگو كونا سانائەت ئەللىرىگە قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ دۆلەتلەردىكى بەزى كونا كارخانىلار ئىسلاھاتقا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلار تېخىمۇ كۆپ بازارلارنى ئېچىۋېتىشنى قارار قىلىشى ياخشى تەدبىر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر