باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامېرون يېڭى كابىنېت ۋەزىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

2016.03.21 12:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 19-مارت: ستىۋىن كىرابنى بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن دۇنكان سمىتنىڭنىڭ ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پېنسىيە كاپالىتى ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  كامېروننىڭ بۇ قېتىم كابىنېت ۋەزىرىنى ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم سەۋەب-پاراۋانلىق سىياسىتى پەيدا قىلغان خېيىم خەتەرنى پەسەيتىش. ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى ئوسبورنى يېڭى بىر مەزگىللىك مالىيە خامچوتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ كۆلەملىك مالىيە چىقىمىنى قىسقارتىش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ مېيىپلارنىڭ پاراۋانلىق چىقىمىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پارتىيە سىرتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، ئوسبورنى قاراشلىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكى كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

  ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە ئىشچىلار پارتىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شوتلاندىيە مىللەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئوسبورنىنىڭ يېڭى بىر مەزگىللىك مالىيە خامچوت لايىھەسىگە توسقۇنلۇق قىلىمىز. گەرچە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنتتا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى ئاسىيلىق قىلىپ قالسا، خامچوت لايىھەسى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر