باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2016.03.21 12:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 19-مارت باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھەر مەركىزىدە شۇ كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تۈركىيەدە يۈز بەرگەن بىر قاتارلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى، كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ.

  ئىستانبۇلدىكى ئاۋات مۇستەقىللىق كوچىسىدا 19-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى، ھازىر ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەشەيلەن قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 36 ئادەم يارىلاندى. يارىلانغۇچىلار ئىرېلاندىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىسرائىلىيە، گېرمانىيە، ئىران ۋە ئىسلاندىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر