باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە مۇساپىرلار كىرزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

2016.03.21 12:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە تۈنۈگۈن بريۇسسېلدا مۇساپىرلار كىرزىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر ھەمدە تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن بىرلىشىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  تۇسىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە 2015-يىلى نويابىردا ھاسىل قىلىنغان مۇساپىرلار مەسىلىسى بىرلەشمە ھەرىكىتى پىلانىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا قاراپ چىقتى، ئىككى تەرەپ ياۋروپا مۇساپىرلار كىرزىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش جەھەتە بىر قەدەر زور ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى.

  ئىككى تەرەپ تۈركىيەنىڭ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا كىرىشى ھەمدە مۇساپىرلارنى ۋاقىتلىق قۇغداشقا رۇخسەت قىلدى؛ تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە ساقچىلار ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەدبىرى ھەمدە ئۇچۇرلاردىن تەك بەھىرلىنىشنى كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر