فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كولۇمبىيە پايتەختى بوگوتادا 14 -مارت Uber غا قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغان. تاكسى شوپۇرلىرى تاكسىلىرىنى ھەيدەپ كوچىلاردا يىغىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە قاتناش توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ پەيلى ئىنتايىن يامان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشمىغان بىر قىسىم تاكسى شوپۇرلىرىغا نامايىشقا قاتناشقانلار ھۇجۇم قىلغان.