ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15-مارت، ختىن كياۋ بىرمىدا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، رەسمىي زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 11-مارت، مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى ختىن كياۋ بىلەن دېموكراتىك ئىتتىپاق چىن مىللىتىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ھېنرى ۋان تيو ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرما فېدېراتسىيە پارلامېنتى خەلق مەھكىمىسى ۋە مىللەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇئاۋىن زۇڭتۇلۇققا تەۋسىيە قىلىنغان. ھازىرقى رانگون ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىمۇ ھەربىيلەر پارلامېنتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن شۇ كۈنى كەچتە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا تەۋسىيە قىلىنغان.
بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاق غەلىبە قىلىپ، پارلامېنتتا يېرىمدىن كۆپرەك ئورۇنغا ئېرىشكەن، مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سايلامدا مەغلۇب بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئارمىيە سايلامدىن ئۆتكۈزمەيلا پارلامېنتتا % 25 ئورۇنغا ئىگىلىگەن. بىرما تۈزۈلمىسى، خەلق مەھكىمىسى، مىللەت مەھكىمىسى شۇنداقلا ئارمىيە تەرەپ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ پارلامېنت ئەزالىتى ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن زۇڭتۇڭ نامزاتىنى تەۋسىيە قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ئومۇمىي ئەزالار بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىققان، قالغان ئىككى نامزات تەبىئىي ھالدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.