- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندۇنىزىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
2016.03.03 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندۇنىزىيەنىڭ غەربىي سۇماترا ئۆلكىسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 2-مارت 7.8 بال يەر تەۋرىدى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى، نۆۋەتتە ئادەملەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ۋە مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ھەققىدە دوكلات يوق.
ھىندۇنىزىيە كېلېمات، ھاۋارايى ۋە يەرشارى فىزىكا ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى 2-مارت 19دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجى ۋاقتى 20دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە) يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى غەربىي سۇماترا ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى 636 كېلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كېلومېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئورگان بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش سەۋەبلىك غەربىي سۇماترا ئۆلكىسى، بېڭكۇلۇ ئۆلكىسى قاتارلىق سۇماترا ئارىلىغا جايلاشقان ئۆلكىلەرگە دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.
ھىندۇنىزىيە تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق يەر تەۋرەيدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر