باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەنگە مۇناسىۋەتلىك قارار ماقۇللىدى

2016.03.03 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن ئېچىپ، 15 ئاۋاز قوللاش بىلەن چاۋشيەنگە چېتىشلىق 2270-نومۇرلۇق قارارنى بىردەك ماقۇللىدى.

  بۇ قاراردا، سەل ئىلگىرى چاۋشيەن ئېلىپ بارغان يادرو سىنقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى ئەيىبلەندى، چاۋشيەننىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىدىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىندى. قارارنىڭ نىشانى ئېنىق بولۇپ، چاۋشيەننىڭ يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى جازالاش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. قاراردا يەنە چاۋشيەن خەلقى ئۇچراۋاتقان ئېغىر قىيىنچىلىققا كۆڭۈل بۆلۈنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، قارارنىڭ چاۋشيەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەت ھەمكارلىقىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىش نىيىتى يوقلۇقى كۆرسىتىلدى. قاراردا چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىنى قوغداش قايتا تەكىتلەندى، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى قوللاش ۋە ئالتە تەرەپنىڭ 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتىدا ئېنىق شەرھىيلەنگەن تىنچ يول ئارقىلىق چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاندۇرۇش، ئامېرىكا ۋە چاۋشيەننىڭ ئۆزئارا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنلىكى قاتارلىقلار قايتا تەكىتلەندى.

  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىمۇ شۇ كۈنى يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر