باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا يەتكۈزۈلدى

2016.03.02 13:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29- فېۋرال، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچىنچى كۈنگە كىردى، كېلىشىم كۆپ قىسىم رايونلاردا ئەمەلىيلەشتى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى سۈرىيە تەۋەسىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلارغا داۋاملىق زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى سۇرىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا يەتكۈزۈلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 29- فېۋرال مۇنداق دېدى: گەرچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ بىر قىسىم ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ كېلىشىم سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئەمەلىيلەشتى. سۈرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 29-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۇ كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ يەتتە ۋەقەنى نازارەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە، بازا تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى شۆبىسى بولغان قوللاش فورۇنتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ شىمالىي قىسىمدىكى ھەلەپ ئۆلكىسىنىڭ يېزا رايونلىرىدا خەلق قوراللىق ئەسكەرلىرىنى توڭقا تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 22- فېۋرال سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلدى، ئۇرۇش توختىتىش ئىسلام دۆلىتى قوللايدىغان قوللاش فرونتى قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلات دەپ بېكىتىلگەن تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن يۈزگە يېقىن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سۈرىيە ۋاقتى بىلەن 27- فېۋرال سائەت نۆلدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر