باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ئىراقتا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2016.03.02 13:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 29-فېۋرال باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىراقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دىيار ئۆلكىسى بىلەن پايتەخت باغدادتا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى دەپنە مۇراسىمى سورۇنلىرى، بازار ۋە مەسچىت قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ قورقۇنچ پەيدا قىلدى. بان كىمون ئۆزىنىڭ بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئىراق خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچىنى تېزدىن قانۇن تورىغا ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ سۆزلىشىش ۋە يارىشىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. باياناتتا، بان كىمون ھۇجۇم قىلىشتا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ماتەمدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورىدى، يارىدار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر