باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باغداتتىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 170كە يەتتى

2016.03.01 13:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-فېۋرال ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى، 28-كۈنى پايتەخت باغداتتا يۈز بەرگەن ئۆلۈۋېلىش شەكلىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 53كىشى قازا قىلىپ، 117كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، باغدادنىڭ شەرقىدىكى شىھەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون سادىر شەھىرىدىكى كىشىلەر توپلاشقان بىر بازاردا 28-فېۋرال ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. «ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن ئىشتىن بۇرۇن بازار ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغان ھەمدە پارتلاتقۇچ بومبا قاچىلانغان موتوسېكلىتنى پارتلاتتى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ئامما پارتلىغان جايغا يىغىلغاندىن كېيىن، بىر ھۇجۇم قىلغۇچى كىشىلەر توپى ئارىسىدە بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچ بومبىنى پارتلاتتى»، دېدى.

  ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر