باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گىرېتسىيە مۇساپىلەر سىياسىتىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى

2016.02.26 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاۋسترىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قوللانغانلىقىغا نارازى بولغانلىقى ، گىرېتسىيە ئاۋسترىيە بىلەن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى قوغداشنى كېڭىشىش ئۈچۈن، 25- فېۋرال گىرېتسىيەنىڭ ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى.

  ئاۋسترىيە 24-فېۋرال غەربى بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن كېرىش سۈرئىتىنى قانداق پەسەيتىشنى مۇزاكىرىلەشكەن، بىراق گىرېتسىيە يىغىننىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. گىرېتسىيە يىغىندىن ئىلگىرى ئاۋسترىيە بىلەن رەسمىي ئالاقىلىشىپ، بۇنىڭ گىرېتسىيەنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشقا گىرېتسىيەنى قاتناشتۇرماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر