باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت ئېگېي دېڭىزىدا چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە قوراللىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى پىلانىنى ئېلان قىلدى

2016.02.26 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتوردىنبىرىك 25-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئېگېي دېڭىزىدا چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشىگە قوراللىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئېگېي دېڭىزىدا كۆچمەنلەرنى ۋە مۇساپىرلارنى قانۇنسىز يۆتكەشنى توسۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سىتوردىنبىرىك باياناتىدا بۇ ھەرىكەت پىلانىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2-دائىمىي دېڭىز قىسىمنىڭ ھەربىي پاراخوتىنى ئېگېي دېڭىزىدا رازۋېدكا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي پاراخوتى گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا چېگراسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورنىتىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىلەرنى قانۇنسىز يۆتكىشىگە تاقابىل تۇرۇش تورىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر