باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى

2016.02.14 12:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى (2003–يىل 1–ئاينىڭ 16–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2016 –يىل 1–ئاينىڭ 16–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4–يىغىنىنىڭ ‹‹<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ نىزام يەرلىك نىزام چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يەرلىك نىزامنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش، نىزامنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (تۆۋەندە دائىمىي كومىتېت دېيىلىدۇ) يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنى تەستىقلاشتا مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ. قائىدىلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

  3 – ماددا يەرلىك نىزام چىقىرىشتا قانۇن چىقىرىش قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپقا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

  يەرلىك نىزام چىقىرىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىشتا ئاشكارا بولۇپ، خەلقنىڭ نىزام چىقىرىش پائالىيىتىگە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يەرلىك نىزام چىقىرىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قوللىنىشچان قىلىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە تارماق مەنپەئەتپەرەسلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  2 – باب نىزام چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسى

  4 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق، ئۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، تۆۋەندىكى ئىشلاردا يەرلىك نىزام چىقارسا بولىدۇ:

  (1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛

  (2) دۆلەتنىڭ مەخسۇس قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان، قانۇن، مەمۇرىي نىزام چىقىرىلمىغان ئىشلار؛

  (3) يەرلىك نىزام چىقىرىشقا تېگىشلىك بولغان يەرلىككە تەۋە ئىشلار؛

  (4) قانۇندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ياكى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلار؛

  (5) يەرلىك نىزام چىقىرىلىدىغان باشقا ئىشلار.

  قانۇندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئۆزى يەرلىك نىزام چىقىرىش كېرەك، دەپ قارىغان ئىشلار ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يەرلىك نىزام چىقىرىشى كېرەك.

  يەرلىك نىزام چىقىرىشتا، ئۈستۈن قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا ئادەتتە تەكرار بەلگىلىمە چىقىرىلمايدۇ.

  6 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان يەرلىك نىزاملارنى قىسمەن تولۇقلىسا، تۈزەتسە بولىدۇ، لېكىن ئۇ شۇ نىزامنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا زىت كەلسە بولمايدۇ.

  3 – باب ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ

  نىزام چىقىرىش تەرتىپى

  7 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا يەرلىك نىزام لايىھەسى قويسا بولىدۇ، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا يەرلىك نىزام لايىھەسى قويسا بولىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلىدۇ.

  8 – ماددا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن بىر ياكى ئوندىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا يەرلىك نىزام لايىھەسى قويسا بولىدۇ، ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلىدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ، يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە پىكرىنى قويۇشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

  مەخسۇس كومىتېتلار نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، لايىھە قويغۇچىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكرىنى بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

  9 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سۇنۇلىدىغان يەرلىك نىزام لايىھەسى ۋە ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام لايىھەسى ئاۋۋال ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنۇلسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت ئۇنى مۇشۇ نىزامنىڭ 4– بابىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ، دائىمىي كومىتېت ياكى لايىھە قويغۇچى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىغا ئىزاھات بېرىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىقىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن كۆپ خىل شەكىلدە پىكىر ئېلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىشى كېرەك؛ مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللىرىنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرسا بولىدۇ.

  10 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ قارارى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان يەرلىك نىزام لايىھەسىنى يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

  11 – ماددا لايىھە قويغۇچىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن يەرلىك نىزام لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىقىدۇ.

  12 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن يەرلىك نىزام لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن بىر تۇتاش قاراپ چىقىپ، ھەيئەت رىياسەتكە قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتنى ۋە نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى سۇنۇپ، ھەيئەت رىياسىتى ماقۇللىغاندىن كېيىن يىغىنغا تارقىتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مۇھىم پىكىرلەر ھەققىدە قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىزاھات بېرىش كېرەك.

  13 – ماددا ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ يەرلىك نىزام لايىھەسىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى قاراپ چىقىش پىكرىنى ئاڭلىسا بولىدۇ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كۆرسەتكەن ئالاقىدار ۋەكىللەرنى يىغىنغا چاقىرىپ، يەرلىك نىزام لايىھەسىدىكى چوڭ – چوڭ مەخسۇس مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسىمۇ بولىدۇ ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە مۇزاكىرىدە چۈشكەن پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلىدۇ.

  14 – ماددا يەرلىك نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىقىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بولۇپ قالسا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، دائىمىي كومىتېتقا ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىپ قارار قىلىش ھەمدە قارار قىلىش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىغا دوكلات قىلىش ھوقۇقى بېرىلسە بولىدۇ؛ دائىمىي كومىتېتقا ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇش ھوقۇقى بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

  15 – ماددا يەرلىك نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىققان ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزەتكەندىن كېيىن، يەرلىك نىزام لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسىتى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

  16 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، قاراپ چىقىش ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە ۋە مۇشۇ نىزامنىڭ 7 – بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  4 – باب ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش تەرتىپى

  17 – ماددا دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتقا يەرلىك نىزام لايىھەسى قويسا بولىدۇ، لايىھەنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتقا يەرلىك نىزام لايىھەسى قويسا بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دائىمىي كومىتېتقا يەرلىك نىزام لايىھەسى سۇنسا بولىدۇ، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېت ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش پىكرى ھەققىدىكى دوكلاتىنى سۇنىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى شۇ يەرلىك نىزام لايىھەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بار دەپ قارىسا، لايىھە قويغۇچىغا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن دائىمىي كومىتېتقا قايتا سۇنۇش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن بەشتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا يەرلىك نىزام تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، لايىھەنى دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ، ئاندىن يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ؛ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلمەيدىغان بولسا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىدۇ ھەمدە تەكلىپ بەرگۈچىگە چۈشەندۈرىدۇ.

  ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى يەرلىك نىزام لايىھەسىنىڭ زۆرۈرلۈكى، قانۇنلۇقلۇقى، مۇمكىنلىكلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. نىزام لايىھەسى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش پىكرى ھەققىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

  (بېشى 3 – بەتتە)

  تېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى شۇ يەرلىك نىزام لايىھەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بار دەپ قارىسا، لايىھە قويغۇچىغا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن دائىمىي كومىتېتقا قايتا سۇنۇش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن بەشتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا يەرلىك نىزام تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، لايىھەنى دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ، ئاندىن يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ؛ يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلمەيدىغان بولسا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىدۇ ھەمدە تەكلىپ بەرگۈچىگە چۈشەندۈرىدۇ.

  ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى يەرلىك نىزام لايىھەسىنىڭ زۆرۈرلۈكى، قانۇنلۇقلۇقى، مۇمكىنلىكلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. نىزام لايىھەسى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش پىكرى ھەققىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

  18 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان يەرلىك نىزام لايىھەسىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يىغىن ئېچىلىشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يەرلىك نىزام لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، قاراپ چىقىش پىكرى تەييارلىشى كېرەك.

  19 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن يەرلىك نىزام لايىھەسىنى ئادەتتە ئىككى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇش كېرەك. نىزام لايىھەسى ئىككى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ – چوڭ مەسىلە بولۇپ قالسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۈچ قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىققاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ؛ مەزمۇنى ئاددىي ياكى قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان نىزام لايىھەلىرىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى ئاساسەن بىردەك بولغانلىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ.

  20 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى يەرلىك نىزام لايىھەسىنى 1 – قېتىم قاراپ چىققاندا، لايىھە قويغۇچىنىڭ ئىزاھاتى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، گۇرۇپپا يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدۇ.

  21 – ماددا نىزام لايىھەسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى 1 – قېتىم قاراپ چىققاندىن كېيىن، قانۇنچىلىق كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسەن بىر تۇتاش قاراپ چىقىپ، قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ۋە نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. نىزام لايىھەسى ھەققىدىكى مۇھىم پىكىرلەر بىردەك بولمىغاندا، مۇدىرلار يىغىنىغا دوكلات قىلىش كېرەك. ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇھىم پىكىرلىرى قوبۇل قىلىنمىغان بولسا، ئىنكاس قىلىش كېرەك.

  22 – ماددا قانۇنچىلىق كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدىغان نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىشتىن ئىلگىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى نىزام لايىھەسىدىكى مۇھىم تۈزۈم – قائىدىلەرنىڭ مۇمكىنلىكى، نىزام چىقىرىش پەيتى، نىزامنى يولغا قويۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى مۆلچەرلىشى كېرەك. مۆلچەرلەش ئەھۋالىنى قانۇنچىلىق كومىتېتى قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىزاھلايدۇ.

  23 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى يەرلىك نىزام لايىھەسىنى 2 – قېتىم قاراپ چىققاندا، قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئومۇمىي يىغىندا ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى گۇرۇپپا يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدۇ.

  24 – ماددا نىزام لايىھەسى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىككى قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن يەنىمۇ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ– چوڭ مەسىلە بار دەپ قارالسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىننىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماي، قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشىغا ھەمدە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىغا تاپشۇرۇلسا بولىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا نىزام لايىھەسىنى 3 – قېتىم قاراپ چىقىش مۇشۇ نىزامنىڭ 23 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  25 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نىزام لايىھەسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، قانۇنچىلىق كومىتېتى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن بىر تۇتاش قاراپ چىقىپ، قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ۋە نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ– چوڭ مەسىلە مۇشۇ نىزامنىڭ 24 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

  26 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى نىزام لايىھەسىنى ئېھتىياجغا قاراپ، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ياكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقسا بولىدۇ. قانۇنچىلىق كومىتېتى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار يەرلىك نىزام لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىشى كېرەك، يىغىنغا ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى، دائىمىي كومىتېت خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ؛ ئېھتىياجغا قاراپ، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىنىڭ يىغىنغا كېلىپ ئەھۋال چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  27 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن يەرلىك نىزام لايىھەسى ھەققىدە قانۇنچىلىق كومىتېتى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشى ھەمدە نىزام لايىھەسىنى ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلارغا ئەۋەتىپ پىكىر ئېلىشى كېرەك. پىكىر ئېلىشتا، سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلسا بولىدۇ.

  28 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىققاندا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، يىغىننى پۇقرالار چەتتىن ئاڭلىسا بولىدۇ، چەتتىن ئاڭلاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى مۇدىرلار يىغىنى بېكىتىدۇ.

  29 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن نىزام لايىھەسىنى مۇدىرلار يىغىنى بېكىتىدۇ، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، پىكىر ئېلىنسا بولىدۇ.

  30 – ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدىغان يەرلىك نىزام لايىھەلىرىدىن چوڭراق پىكىر ئىختىلاپى بولغاچقا قاراپ چىقىشنى توختىتىپ تۇرغىلى ئىككى يىل بولغان ياكى ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويۇلمىغان، ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا قايتا كىرگۈزۈلمىگەنلىرىنى قاراپ چىقىش مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن توختىتىلىدۇ.

  31 – ماددا نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىپ مۇدىرلار يىغىنى ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلغان بولسا، قانۇنچىلىق كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزەتكەندىن كېيىن، نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى تۈزىتىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ ۋە نىزام لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

  نىزام لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشتىن ئىلگىرى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، پىكىر ئىختىلاپى چوڭراق بولغان قىسمەن مۇھىم ماددىلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئايرىم ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

  ئايرىم ئاۋازغا قويۇلىدىغان ماددىلار دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنى ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئەھۋالىغا قاراپ، نىزام لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماسلىقنى قارار قىلىپ، قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.

  32 – ماددا بىرقانچە نىزامنىڭ قىسمەن ماددىلىرىنى تۈزىتىپ، نىزام لايىھەسىنى تەڭلا ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كەلسە، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن بىرلىكتە ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ، ئايرىم – ئايرىم ئاۋازغا قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

  33 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانمىغان نىزام لايىھەسى توغرىسىدا لايىھە قويغۇچى شۇ نىزامنى چىقىرىش زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

  5 – باب يەرلىك نىزامنى ئىزاھلاش

  34 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان يەرلىك نىزاملاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئۇنى دائىمىي كومىتېت ئىزاھلايدۇ:

  (1) يەرلىك نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا؛

  (2) يەرلىك نىزام يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭى ئەھۋال كۆرۈلۈپ، تەتبىقلاش ئاساسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا.

  35 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى شۇنىڭدەك رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرى دائىمىي كومىتېتتىن يەرلىك نىزاملارنى ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  36 – ماددا نىزامنى ئىزاھلاش لايىھەسىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى مۇھاكىمە قىلىپ تەييارلايدۇ. ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

  37 – ماددا يەرلىك نىزامنى ئىزاھلاش لايىھەسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ، قانۇنچىلىق كومىتېتى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن قاراپ چىقىپ ۋە تۈزىتىپ، يەرلىك نىزامنى ئىزاھلاش لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  38 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ يەرلىك نىزام ھەققىدىكى ئىزاھاتى يەرلىك نىزام بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە.

  39 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان نىزاملارغا ئالاقىدار كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا مۇھاكىمە قىلىپ جاۋاب بەرسە ھەمدە ئۇنى دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

  40 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان مەمۇرىي باشقۇرۇش مەزمۇنىغا چېتىلىدىغان نىزاملاردىن يولغا قويۇش جەريانىدا كونكرېت تەتبىقلاش مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىزاھلايدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەتبىقلىنىدىغان كونكرېت مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئەسلىي ئىزاھلىغۇچى ئورگاننى شۇ ئىزاھاتنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

  6 – باب يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاش تەرتىپى

  41 – ماددا يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاشتا، يوللىغۇچى ئورگان دائىمىي كومىتېتقا شۇ يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى يازما دوكلاتنى تاپشۇرۇشى ھەمدە يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام نۇسخىسى، ئىزاھاتى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قوشۇپ يوللىشى كېرەك.

  42 – ماددا تەستىقلاشقا يوللانغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام ھەققىدە قانۇنچىلىق كومىتېتى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى سۇنىدۇ، دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى بېكىتكەندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنىدۇ.

  تەستىقلاشقا يوللانغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى پىكىر ئېلىشقا تەشكىللەيدۇ.

  43 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەستىقلاشقا يوللانغان يەرلىك نىزامنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزامىغا زىت بولمىغانلىرىنى تەستىقلاشقا يوللانغان شۇ يەرلىك نىزام ھەققىدىكى يازما دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ تۆت ئاي ئىچىدە تەستىقلايدۇ.

  دائىمىي كومىتېت تەستىقلاشقا يوللانغان ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزاملارنىڭ قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئاساسىي پىرىنسىپقا خىلاپ بولغان – بولمىغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر شۇنىڭدەك باشقا قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مىللىي ئاپتونوم جايلار ھەققىدە چىقىرىلغان مەخسۇس بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

  44 – ماددا دائىمىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى دائىمىي كومىتېتنىڭ يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە، تەستىقلاشقا سۇنغان ئورگانغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. تەستىقلانمىغانلىرىنى تەستىقلاشقا سۇنغان ئورگانغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ.

  7 – باب باشقا بەلگىلىمىلەر

  45 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  46 – ماددا دائىمىي كومىتېت شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى تۈزىدۇ. يەرلىك نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈشتە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئىلمىي دەلىللەپ، باھالاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئېھتىياجىغا قاراپ چىقىرىلىدىغان نىزاملارنى بېكىتىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ دەللىكى، قاراتمىلىقى ۋە سىستېمىلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى مۇدىرلار يىغىنى ماقۇللايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە دائىمىي كومىتېتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  رايون بار شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانى دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

  47 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نىزام لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئالدىن قاتنىشىشى كېرەك؛ ئۇنىۋېرسال، ئومۇمىي ۋە ئۇل خاراكتېرلىك مۇھىم نىزام لايىھەلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەشكىللىسە بولىدۇ.

  كەسىپچانلىقى كۈچلۈكرەك بولغان نىزام لايىھەلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئالاقىدار ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتۇرۇلسا ياكى بۇ خىزمەت ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ.

  48 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا سۇنۇلىدىغان يەرلىك نىزام تەكلىپى نىزام لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى؛ ئىزاھات شۇ نىزامنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، تەييارلاش جەريانى، ئاساسىي مەزمۇنى شۇنىڭدەك مۇھىم مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. نىزامنى تۈزىتىدىغانلار تۈزىتىشتىن بۇرۇنقى ۋە تۈزەتكەندىن كېيىنكى سېلىشتۇرما نۇسخىسىنىمۇ تاپشۇرۇشى كېرەك.

  49 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنى يەرلىك نىزام لايىھەسىنى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللانغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى قاراپ چىققاندا، لايىھە قويغۇچى ياكى يوللىغۇچى ئورگان ئادەم ئەۋەتىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىشى، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلار ئېھتىياجغا قاراپ ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

  50 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن نىزام لايىھەسى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ تەستىقلاشقا سۇنۇلغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى لايىھە قويغۇچى ياكى يوللىغۇچى ئورگان قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەيئەت رىياسىتى ۋە مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالىدۇ ھەمدە قۇرۇلتاي يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىدۇ. شۇ يەرلىك نىزام لايىھەسى ۋە تەستىقلاشقا سۇنۇلغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى قاراپ چىقىش شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

  51 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان نىزام لايىھەسى، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار بارلىق ۋەكىللەر، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

  52 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان يەرلىك نىزامنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋە دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ. يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام ماقۇللانغان ياكى تەستىق قارارى تاپشۇرۇۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتى››دا ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخباراتى››دا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.

  دائىمىي كومىتېت تەستىقلىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى تەستىقلاشقا يوللىغان ئورگان ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ ھەمدە تەستىقلىغان ئورگان ۋە تەستىقلانغان ۋاقىتنى ئېلاندا ئەسكەرتىدۇ.

  53 – ماددا يەرلىك نىزامدا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇس ئىشلار توغرىسىدا يانداش كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق تەلەپ قىلىنغان بولسا، ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە بەلگىلىمە چىقىرىشى كېرەك. ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يانداش كونكرېت بەلگىلىمە چىقارمىغان بولسا، دائىمىي كومىتېتقا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  54 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار نىزام ياكى نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى نىزام چىقارغاندىن كېيىن باھالىسا بولىدۇ. باھالاش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىدۇ.

  55 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان يەرلىك نىزام، دائىمىي كومىتېت تەستىقلىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە دائىمىي كومىتېت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى ئەنگە ئالدۇرغاندا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملاردا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىش ئەھۋالىنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىسى ۋە رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىسىنى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  56 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان يەرلىك نىزاملارنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت دەپ قارىسا، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەر چىقارغان ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزاملارنى قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئاساسىي پىرىنسىپقا، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە شۇنىڭدەك باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مىللىي ئاپتونوم جايلارغا ئائىت مەخسۇس بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ دەپ قارىسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈش توغرىسىدا يازما تەلەپ قويسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدىلىرىنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىغا زىت دەپ قارىسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈش توغرىسىدا يازما تەلەپ قويسا بولىدۇ.

  باشقا دۆلەت ئورگانلىرى، تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار بۇ ماددىنىڭ 1 –، 2 – تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن نىزام، قائىدە، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزاملارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

  يۇقىرىدىكى تەلەپ ۋە تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى بىلەن ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ.

  57 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقارغان يەرلىك نىزاملاردىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە بىلەن ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، ئالاھىدە بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ يېڭى بەلگىلىمە بىلەن كونا بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، يېڭى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ بىر ئىشقا يېڭىدىن چىقىرىلغان ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن كونا ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولمىغانلىقتىن، قايسىسىنى تەتبىقلاشنى بېكىتەلمىگەندە، دائىمىي كومىتېت قارار چىقىرىدۇ.

  58 – ماددا يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام، قائىدىلەردە بۇرۇنقىلىرى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، لېكىن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلغان ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

  8– باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  59 – ماددا بۇ نىزام 2003 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1985 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام تۈزۈش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى›› بىكار قىلىنىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر