باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پارلامېنتى چاۋشيەننى جازالاش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ ئوبامانىڭ ئىمزا قويۇشىغا تاپشۇردى

2016.02.14 12:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 12-فېۋرال يۇقىرى بېلەت سانى بىلەن چاۋشيەنگە تېخىمۇ قاتتىق جازا يۈرگۈزۈش مەقسەت قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئىمزا قويۇشىغا تاپشۇرۇلدى.

  بۇ كۈنى، ئاۋام پالاتاسى 408 قوللاش بېلىتى، ئىككى قارشى بېلەت بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىك قوراللار، قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلار، راھەت-پاراغەت بۇيۇملىرى، توردا جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جەھەتتە چاۋشيەن بىلەن ئالاقىسى بار شەخسلەر ياكى ئەمەلىي گەۋدىلەرنى جازالىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، چارىلەر مەبلەغنى توڭلىتىش، چېگرىدىن كىرىشنى چەكلەش ۋە ھۆكۈمەت توختامىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  چاۋشيەن ئالدىنقى ئاينىڭ 6-كۈنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ چاۋشيەننىڭ 2006-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان تۆتىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى، چاۋشيەن يىراق مۇساپىلىك راكېتا بىلەن بىر سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررې بايانات ئېلان قىلىپ:«چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتىنى تاللىدى، ئامېرىكا شېرىك دۆلەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەننىڭ ھەرىكىتىگە ئېغىر جازا تەدبىرى يۈرگۈزىدۇ» دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر