باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زېكاۋىرۇسى بىلەن كىچىك باشلىق كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىدى

2016.02.14 12:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 10-فېۋرال ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى فرېدېن: مەركىزىمىز كۇبادا تەسىس قىلغان تەجرىبىخانا يوللىغان ئۇچۇرلار، زېكا ۋىرۇسى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كىچىك باشلىق كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىدى دېدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كىچىك باشلىق كېسىلى بىلەن قازا قىلغان ئىككى بوۋاقنىڭ مېڭە توقۇلمىسىدا زېكا ۋىرۇسى ئىرسىيەت ماددىسىنى بايقىغان، بۇ ھازىرغىچە زېكا ۋىرۇسى بىلەن كىچىك باشلىق كىسىلىنىڭ ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات، كېيىنكى قەدەمدە بىرازىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئالاقىدار كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمىي بويىچە تەتقىق قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئاپپارات ھامىلىدار ئاياللارنىڭ زېكا ۋىرۇس يۇقۇمى رايونلىرىغا ساياھەتكە بارماسلىقى، ئۇزۇن مەزگىل زېكا يۇقۇمى رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ھامىلىدارلارنىڭ ئامال بار پاشا چىقىۋېلىشتىن ساقلىنىشىنى ئاگاھلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر