باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەلنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن سومالى دېڭىز ئارمىيەسىنى قايتىدىن تەشكىللەيدۇ

2016.02.14 12:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سومالىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مۇھەممەد ئۆمەر ئالتېر ئۈلۈشكۈن: سومالى دېڭىز ئارمىيەسى قوشۇنىنى قايتىدىن تەشكىللەيدۇ دېدى. ئالتېر شۇ كۈنى سومالىدىكى قىسىمنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيەسى قوشۇنى بولمىغانلىقتىن سومالىنىڭ دېڭىز ئوكيان بايلىقى چەتئەل بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرىماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: دېڭىز ئارمىيەسى كۈچلىرىنى قايتىدىن تەشكىللەش سومالىنىڭ دېڭىز ئوكيان زېمىنى ۋە بايلىقىنى قانۇنسىز بېلىقچىلىق كەسپى پائالىيەتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ساقلاش.

  ئامېرىكىنىڭ بېلىقچىلىق جەمئىيىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش قىلمىشىغا ئارىلىشىشى ئاز بولغانلىقتىن، سومالى دېڭىز ساھىلىدىكى چەتئەلنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش پائالىيەتلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كەتكەن. چەتئەلنىڭ بېلىقچى كېمىلىرى ھەر يىلى سومالى دېڭىز ساھىلىدە 130 مىڭ توننا ئەتراپىدا بېلىق تۇتىدىكەن، بۇ سومالى بېلىقچىلىرىنىڭكى ئۈچ ھەسسىسىگە يېتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر