باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئېلېكترونلۇق كۇتۇپخانىنى ئېلان قىلدى

2016.02.14 12:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نەشرىيات تارماقلىرى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېلېكترونلۇق كۇتۇپخانىسىنى ئېلان قىلدى.

  ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك شۇ كۈنى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بۇ كۈتۈپخانا ب د ت نەشىر بۇيۇملىرى، قەرەللىك ژورنال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەزمۇنى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات، كېلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا قانۇن، ئىدارە قىلىش، ئاممىۋىي سەھىيە، سىتاتېستىكىلىق سان-سېفىر قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر ئېلېكترونلۇق كۇتۇپخانا تور بېكىتىدە تەخمىنەن 750پارچە ئىنگلىزچە نەشر بۇيۇملىرى ۋە فرانسۇزچە، ئىسپانچە، روسچە، خەنزۇچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت تىللىرىدىكى تەخمىنەن 250پارچە نەشر بۇيۇمى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 500پارچە ئەتراپىدا يېڭى نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىش مۆلچەرلەنگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر