- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە-سەئۇدىي سۈرىيەدە يەر يۈزى ھەرىكىتى قوللىنىشى مۇمكىن
2016.02.14 12:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 13-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان سۇرىيە تەۋەسىدە يەر يۈزى ھەرىكىتى قوللىنىپ، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشى مۇمكىن.
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋۇشئوغلى گېرمانىيەدىن تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە بىللە كەلگەن مۇخبىرغا: «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغاندا، تۈركىيە تەرەپ داۋاملىق نەتىجىنى يىتەكچى قىلغان كەڭ كۆلەمدە زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىشنى تەكىتلىدى. ئەگەر ئىستراتېگىيە شەكىللەنسە، تۈركىيە بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان «قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن»، دېگەن.
چاۋۇشئوغلى يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىنچىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر